سوئال

مۇقەددەس كىتاب توي قىلمىغانلارنىڭ جىنىسىي ئالاقە قىلىشىنى گۇناھ دەيدۇ

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 13- باب

13ئەيش-ئىشرەت ۋە شارابخورلۇققا، زىنا ۋە بۇزۇقچىلىق، ئۇرۇشقاقلىق ۋە ھەسەتخورلۇققا بېرىلمەڭلار. يورۇقلۇقتىكى كىشىلەردەك پاك ھايات كەچۈرۈڭلار. 14ئەيسا مەسىھنىڭ تەبىئىتىنى ئۆزۈڭلارغا ئۆزلەشتۈرۈڭلار. گۇناھكار تەبىئىتىڭلاردىكى ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى قاندۇرۇشنى ئويلىماڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 6- باب

18شۇنىڭ ئۈچۈن، جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن يىراق بولۇڭلار. ئىنسانلار سادىر قىلغان باشقا گۇناھلارنىڭ ھەممىسى تەننىڭ سىرتىدا بولىدۇ. لېكىن، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلغۇچى ئۆز تېنىگە قارشى گۇناھ قىلغان بولىدۇ. 19تېنىڭلارنىڭ مۇقەددەس روھنىڭ ئىبادەتخانىسى ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟ خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھ قەلبىڭلاردا ياشايدۇ. سىلەر ئۆزۈڭلارغا ئەمەس، بەلكى خۇداغا مەنسۇپسىلەر. 20چۈنكى، ئۇ سىلەرنى ئەيسا مەسىھنىڭ قىممەتلىك قېنى بىلەن ئۆزىگە مەنسۇپ قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، تېنىڭلارنى خۇدانى ئۇلۇغلاشقا ئاتاڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت » 5- باب

19ئىنساننىڭ گۇناھكار تەبىئىتىگە باش ئېگىشى جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ناپاكلىق، شەھۋانىيلىق، 20بۇتپەرەسلىك، سېھىرگەرلىك، ئۆچمەنلىك، ئۇرۇشقاقلىق، قىزغانچۇقلۇق، غەزەپلىنىش، شەخسىيەتچىلىك، بۆلگۈنچىلىك، گۇرۇھۋازلىق، 21ھەسەتخورلۇق، ھاراقكەشلىك، ئەيش-ئىشرەت قاتارلىق گۇناھلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇرۇنقىدەك يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرىمەنكى، بۇ ئىشلارنى قىلغۇچىلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ئۇرۇن يوق. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 5- باب

3ئاراڭلاردا جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ناپاكلىق ياكى ئاچكۆزلۈككە قەتئىي يول قويۇلمىسۇن. چۈنكى، بۇنداق ئىشلار خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىگە ماس كەلمەيدۇ. 4شۇنداقلا، شەھۋانىي ۋە ئەخمىقانە سۆزلەش، چاكىنا چاقچاق قىلىش سىلەرگە ياتتۇر. ئۇنداق قىلىشنىڭ ئورنىغا خۇداغا شۈكۈر ئېيتىڭلار. 5چۈنكى، شۇنى ئېنىق بىلىڭلاركى، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ناپاكلىق ياكى ئاچكۆزلۈككە بېرىلگەن ھەرقانداق ئادەمگە ئەيسا مەسىھنىڭ ۋە خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ئورۇن يوق. ئاچكۆزلۈككە بېرىلگەن ئادەم خۇداغا ئىبادەت قىلىشنىڭ ئورنىغا مال-مۈلۈككە چوقۇنىدۇ-دە، بۇتپەرەسلەردىن پەرقلەنمەيدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت » 3- باب

5شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزۈڭلاردىكى بۇ دۇنياغا خاس ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى، يەنى جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ناپاكلىق، شەھۋانىيلىق، رەزىل ھەۋەس ۋە ئاچكۆزلۈكلەرنى تاشلاڭلار. ئاچكۆزلۈك بۇتپەرەسلىكتىن پەرقلەنمەيدۇ. 6خۇدانىڭ غەزىپى مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلغۇچىلارنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « سالونىكالىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 4- باب

3خۇدانىڭ ئىرادىسى شۇكى، پاك بولۇڭلار ۋە جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن ساقلىنىڭلار؛ 4-5ھەربىرىڭلار خۇدانى تونۇمايدىغان ئادەملەردەك شەھۋانىي ھەۋەسلەرگە بېرىلمەي، بەلكى تېنىڭلاردىكى بۇ ھەۋەسلەرنى باشقۇرۇپ، پاك ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىڭلار بىلەن ھايات كەچۈرۈڭلار. 6بۇ يامان ئىشلاردا قېرىنداشلىرىڭلارنى ئالداپ، ئۇلاردىن پايدىلىنىپ كەتمەڭلار. ئىلگىرى سىلەرنى ئاگاھلاندۇرغىنىمىزدەك، رەببىمىز مانا شۇنداق گۇناھلار تۈپەيلىدىن ئىنسانلارنى جازالايدۇ. 7چۈنكى، خۇدا بىزنى ناپاك ئەمەس، بەلكى پاك ياشاشقا چاقىردى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت » 13- باب

4ھەممە ئادەم نىكاھقا ھۆرمەت قىلسۇن. ئەر-خوتۇن بىر-بىرىگە سادىق بولسۇن. چۈنكى، خۇدا نىكاھسىز جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغانلار ۋە جورىسىغا سادىق بولمىغانلاردىن ھېساب ئالىدۇ. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر