سوئال

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 6- باب

22ئىنسانئوغلىغا ئەگەشكەنلىكىڭلار ئۈچۈن بەزىلەر سىلەردىن نەپرەتلەنسە، يۈز ئۆرۈسە، سىلەرگە تۆھمەت-ھاقارەت قىلسا، سىلەرنى يامان دېسە، نەقەدەر بەختلىكسىلەر! 23ئۇ چاغدا، شاد-خۇرام بولۇپ تەنتەنە قىلىڭلار. چۈنكى، ئەرشتە سىلەر ئۈچۈن كۆپ ئىنئام ساقلانماقتا. بۇ قارا نىيەتلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرگىمۇ شۇنداق زىيانكەشلىك قىلغان. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 15- باب

18_ بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى سىلەردىن نەپرەتلەنسە، سىلەردىن ئاۋۋال مەندىن نەپرەتلەنگەنلىكىنى بىلىڭلار. 19سىلەرمۇ بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرىدىن بولغان بولساڭلار، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى سىلەرنى ئۆزىنىڭ دەپ، سۆيگەن بولاتتى. بىراق، مەن سىلەرنى بۇ پانىي دۇنيادىن ئايرىپ تاللىغانلىقىم ئۈچۈن، ئەمدى بۇ دۇنياغا مەنسۇپ ئەمەسسىلەر. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى سىلەردىن نەپرەتلىنىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « تىموتىيغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت » 3- باب

12ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان، خۇداغا ئىخلاسمەنلىك بىلەن ھايات كەچۈرۈشكە ئىرادە باغلىغانلارنىڭ ھەممىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « ياقۇپ يازغان خەت » 1- باب

2قېرىنداشلار، ھەر خىل سىناقلارغا دۇچ كەلگەندە، ئۇنى زور خۇشاللىق، دەپ بىلىڭلار. 3چۈنكى سىلەرگە مەلۇمكى، بۇنداق سىناقلار ئارقىلىق ئېتىقادىڭلار سىنىلىپ، چىداملىق بولىسىلەر. 4شۇڭا، ھەرقانداق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، چىداملىقىڭلارنى يېتىلدۈرۈڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، خۇدانىڭ كۈتكىنىدەك ئېتىقادتا پىشقان، كەم-كۈتىسىز ئادەملەردىن بولىسىلەر. 5ئەگەر ئاراڭلاردىكى بىرى ئەقىل-پاراسەتكە موھتاج بولسا، ھەممىگە سېخىيلىق بىلەن بېرىدىغان ۋە مالال كۆرمەيدىغان خۇدادىن تىلىسۇن. شۇندىلا، ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت » 2- باب

19ئەگەر ئاراڭلاردىن بىرى ناھەق ئازاب-ئوقۇبەت چەكسە ھەمدە بۇ ئازاب-ئوقۇبەتكە سەۋر-تاقەت قىلىش خۇدانىڭ ئىرادىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا سەۋر-تاقەت قىلسا، ئۇ خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ. 20ئەگەر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ، تېگىشلىك جازاغا تارتىلغاندا ئۇنىڭغا بەرداشلىق بەرسە، بۇنىڭ ماختىنىدىغان ھېچ يېرى يوق! لېكىن، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ ئازاب-ئوقۇبەت چەكسە ھەمدە ئۇنىڭغا بەرداشلىق بەرسە، ئۇ خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ. 21چۈنكى، سىلەر مانا شۇنداق ئازاب-ئوقۇبەتكە چاقىرىلدىڭلار. ئەيسا مەسىھمۇ سىلەر ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت چېكىپ، سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئىزىدىن ماڭسۇن دەپ، سىلەرگە ئۈلگە قالدۇردى. 22مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «ئۇ گۇناھ قىلمىغان، ئاغزىدىن بىرەر ئېغىزمۇ ھىيلە-مىكىرلىك سۆز چىقمىغان.» 23ئەيسا مەسىھ ھاقارەتكە ئۇچرىغاندا، تىل قايتۇرمايتتى. ئازاب-ئوقۇبەت چەككەندە، ھېچكىمگە تەھدىت سالمايتتى. ئەكسىچە، ئۆزىنى ئادىل ھۆكۈم قىلىدىغان خۇداغا تاپشۇراتتى. 24ئۇ بىزنىڭ گۇناھنىڭ ئىلكىدە ياشىماسلىقىمىز، بەلكى ھەققانىيلىق يولىدا مېڭىشىمىز ئۈچۈن، گۇناھلىرىمىزنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىپ كرېستكە مىخلىنىپ قۇربان بولدى. سىلەر ئۇنىڭ يارىلىرى بىلەن شىپا تاپتىڭلار. 25چۈنكى، بۇرۇن سىلەر يولدىن ئازغان قويلارغا ئوخشايتتىڭلار، لېكىن ھازىر ئۆزۈڭلارنى قوغدايدىغان قويچىنىڭ، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدىڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت » 4- باب

12قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، سىلەر قاتتىق سىناقلارغا دۇچ كەلگىنىڭلاردا، ئاجايىپ بىر ئىشقا يولۇقۇپ قالدىم، دەپ ھەيران بولماڭلار. 13ئەكسىچە، ئەيسا مەسىھنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە ئورتاق بولغانلىقىڭلاردىن خۇشال بولۇڭلار. ئۇ شان-شەرەپ بىلەن قايتىپ كەلگەندە، سىلەرمۇ شاد-خۇراملىققا چۆمىسىلەر. 14ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلىقىڭلار سەۋەبىدىن ھاقارەتكە ئۇچرىساڭلار، نەقەدەر بەختلىكسىلەر! چۈنكى، خۇدانىڭ ئۇلۇغ روھى سىلەرنىڭ قەلبىڭلاردىن ئورۇن ئالغان. 15ئاراڭلاردىن بىرىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشى ھەرگىزمۇ قاتىللىق، ئوغرىلىق ۋە يامانلىقلارنى قىلىش ياكى باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىش سەۋەبىدىن بولمىسۇن. 16لېكىن، ئاراڭلاردىن بىرى ئەيسا مەسىھكە ئەگەشكۈچى دەپ ئاتالغانلىقى سەۋەبىدىن ئازاب-ئوقۇبەت چەكسە، ئۇ بۇنىڭدىن نومۇس قىلمىسۇن. ئەكسىچە، شۇ نام بىلەن ئاتالغانلىقى ئۈچۈن خۇدانى مەدھىيىلىسۇن. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر