سوئال

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 3- باب

13شۇ كۈنلەردە، ھەزرىتى ئەيسا يەھيا پەيغەمبەردىن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن، جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن ئىئوردان دەرياسى بويىغا كەلدى. 14بىراق، يەھيا پەيغەمبەر ئۇنى چۆمۈلدۈرۈشكە ئۇنىماي:

_ سېنىڭ مېنىڭ ئالدىمغا كەلگىنىڭ نېمىسى! مەن چۆمۈلدۈرۈشنى ئەسلى سەندىن قوبۇل قىلىشىم كېرەك ئىدىغۇ؟ _ دېدى.

15لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا جاۋابەن:

_ ھازىر مۇشۇنداق بولسۇن. چۈنكى، خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شۇنداق قىلىشىمىز توغرىدۇر، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن، يەھيا پەيغەمبەر ئۇنى چۆمۈلدۈرۈشكە قوشۇلدى. 16ھەزرىتى ئەيسا چۆمۈلدۈرۈلۈپ سۇدىن چىقىشىغا، ئاسمان يېرىلدى. ئۇ خۇدانىڭ روھىنىڭ كەپتەر ھالىتىدە ئاسماندىن چۈشۈپ، ئۈستىگە قونۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. 17ئاندىن، ئەرشتىن خۇدانىڭ: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن!» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 28- باب

18ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ، مۇنداق دېدى:

_ ئەرشتە ۋە يەر يۈزىدە پۈتۈن ھوقۇق ماڭا بېرىلدى. 19شۇنىڭ ئۈچۈن، بېرىپ پۈتكۈل مىللەتلەرنى مېنىڭ شاگىرتلىرىم قىلىپ يېتىشتۈرۈڭلار. ئۇلارنى خۇدائاتا، ئۇنىڭ ئوغلى ۋە مۇقەددەس روھنىڭ نامى بىلەن چۆمۈلدۈرۈپ، 20ئۇلارغا مەن سىلەرگە بۇيرۇغان بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىڭلار. مەن ھەقىقەتەنمۇ زامان ئاخىرىغىچە ھەر دائىم سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن. [داۋامى]

ئىنجىل، « ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 1- باب

2يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىدا خۇدانىڭ مۇنۇ سۆزلىرى خاتىرىلەنگەن:

«مانا، ئالدىڭدا ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن.

ئۇ سېنىڭ يولۇڭنى ئالدىنئالا تەييارلايدۇ.»

3ئۇ بولسا: «باياۋاندا: ‹دىلىڭلارنى رەببىمىزنىڭ كېلىشىگە تەييار قىلىڭلار!

ئۇنىڭ يوللىرىنى تۈز قىلىڭلار!›» دەپ توۋلايدىغان كىشىدۇر.

4دەرۋەقە، چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا چۆل-باياۋاندا پەيدا بولۇپ، كىشىلەرگە:

_ يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىڭلار! توۋا قىلغانلىقىڭلارنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار. شۇنداق قىلغاندا، خۇدا سىلەرنى كەچۈرۈم قىلىدۇ! _ دەپ جاكارلىدى.

5كىشىلەر يېرۇسالېم شەھىرىدىن، جۈملىدىن پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ، گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىشتى ۋە ئۇنىڭ ئۆزلىرىنى ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشتى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى » 2- باب

37پېترۇسنىڭ بۇ سۆزلىرى ئاڭلىغۇچىلارغا يۈرەككە سانجىلغان خەنجەردەك كۈچلۈك تەگدى. ئۇلار قايىل بولغىنىدىن پېترۇس ۋە باشقا ئەلچىلەردىن:

_ قېرىنداشلار، ئۇنداقتا قۇتقۇزۇلۇش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ _ دەپ سوراشتى.

38پېترۇس ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ گۇناھلىرىڭلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن، يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىڭلار ھەمدە ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلىقىڭلارنى كۆرسىتىش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، خۇدا سىلەرگە مۇقەددەس روھنى ئاتا قىلىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 6- باب

3سىلەر چوقۇم شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، بىز چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلغىنىمىزدا، ئەيسا مەسىھكە باغلانغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۆلۈمى بىلەنمۇ باغلاندۇق. 4شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز چۆمۈلدۈرۈلۈش ئارقىلىق ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە ئۆلۈپ، بىللە كۆمۈلدۇق. خۇدائاتىمىزنىڭ بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسىتى شۇكى، ئەيسا مەسىھنى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ كۈچ-قۇدرىتى ئارقىلىق تىرىلدۈرگەندەك، بىزنىمۇ يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈرۈشتۇر.

5بىز ئەيسا مەسىھكە باغلىنىپ، ئۇنىڭغا ئوخشاش ئۆلگەنىكەنمىز، ئۇنداقتا بىز چوقۇم ئۇنىڭغا ئوخشاش تىرىلدۈرۈلىمىز. 6شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، كونا تەبىئىتىمىز ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە كرېستكە مىخلاندى. شۇنىڭ ئۈچۈن، گۇناھكار نەپسىمىزنىڭ ئىلكىدە بولماي، گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن قۇتۇلدۇق. 7چۈنكى، ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە ئۆلگەن ھەرقانداق كىشى گۇناھنىڭ كۈچىدىن خالاس بولغان بولىدۇ. 8ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە ئۆلگەنىكەنمىز، ئۇنداقتا ئۇنىڭغا باغلىنىپ، يېڭى ھاياتقا ئېرىشىشىمىزگىمۇ ئىشىنىمىز. 9بىزگە مەلۇمكى، ئەيسا مەسىھ تىرىلگەندىن كېيىن قايتا ئۆلمەيدۇ. ئۆلۈم ئەمدى ئەيسا مەسىھكە ئۆز كۈچىنى كۆرسىتەلمەيدۇ. 10ئەيسا مەسىھ ئۆزىنىڭ بىرلا قېتىملىق ئۆلۈمى ئارقىلىق گۇناھ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى. ئۇ ھازىر ھايات بولۇپ، ئۇنىڭ ھاياتلىقى خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈش ئۈچۈندۇر. 11شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ھازىر ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارنى گۇناھقا نىسبەتەن ئۆلگەن، لېكىن خۇداغا خىزمەت قىلىشقا نىسبەتەن تىرىك ھېسابلاڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت » 3- باب

26ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق ھەممىڭلار خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولدۇڭلار. 27چۈنكى، سىلەر چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلىپ ئەيسا مەسىھكە باغلانغىنىڭلاردا، ئۇنىڭ تەبىئىتىنى ئۆزۈڭلارغا ئۆزلەشتۈردۈڭلار. 28مەيلى يەھۇدىي ياكى يەھۇدىي ئەمەس بولسۇن، قۇل ياكى ھۆر بولسۇن، ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ھەممىڭلار ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇدانىڭ نەزىرىدە باراۋەر بولدۇڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت » 2- باب

11سىلەر ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، جىسمانىي جەھەتتىكى خەتنىنى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئاتا قىلغان روھىي جەھەتتىكى خەتنىنى قوبۇل قىلدىڭلار. بۇ، سىلەرنى گۇناھكار تەبىئىتىڭلارنىڭ ئىلكىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان خەتنىدۇر. 12چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغىنىڭلاردا، سىلەر ئەيسا مەسىھكە باغلانغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۆلۈمى بىلەنمۇ باغلىنىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە كۆمۈلدۈڭلار ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە تىرىلدۈرۈلدۈڭلار. بۇ، ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە بولغان ئىشەنچىڭلار ئارقىلىق بولدى. 13سىلەر بۇرۇن گۇناھ ئىچىدە ياشىغانلىقىڭلار ۋە گۇناھكار تەبىئىتىڭلارنىڭ ئىلكىدىن قۇتۇلمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن، روھىي جەھەتتە ئۆلۈك ئىدىڭلار. بىراق، خۇدا سىلەرنى ئەيسا مەسىھكە باغلاپ، يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈردى ۋە پۈتۈن گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلدى. 14ئەيسا مەسىھ كرېستكە مىخلانغاندا، خۇدا بارلىق گۇناھلىرىمىز خاتىرىلەنگەن، بىزگە قارشى بولغان ھېساب-كىتابىنى شۇ كرېستكە مىخلاپ، بىكار قىلدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت » 3- باب

21بۇ، بىزنىڭ ھازىرقى قۇتقۇزۇلغانلىقىمىزنى بىلدۈرىدىغان سۇغا چۆمۈلدۈرۈشىمىزنىڭ ئالدىن بېشارىتى بولىدۇ. چۆمۈلدۈرۈلۈشىمىز بەدىنىمىزنىڭ كىردىن تازىلىنىشى ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزنى ئەيسا مەسىھنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى ئارقىلىق پاك ۋىجدان بىلەن خۇداغا بېغىشلىشىمىزدۇر. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر