« رىملىقلارغا يېزىلغان خەت »

6

ئەيسا مەسىھكە باغلىنىپ، يېڭى ھاياتقا ئېرىشىش

1ئۇنداقتا، بىز نېمە دەيمىز؟ خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى تېخىمۇ ئاشسۇن دەپ، داۋاملىق گۇناھ ئىچىدە ياشايمىزمۇ؟ 2ياق، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! گۇناھقا نىسبەتەن بىز ئاللىقاچان ئۆلگەن. شۇنداق ئىكەن، بىز يەنە داۋاملىق گۇناھ ئىچىدە ياشىماسلىقىمىز كېرەك. 3سىلەر چوقۇم شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، بىز چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلغىنىمىزدا، ئەيسا مەسىھكە باغلانغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۆلۈمى بىلەنمۇ باغلاندۇق. 4شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز چۆمۈلدۈرۈلۈش ئارقىلىق ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە ئۆلۈپ، بىللە كۆمۈلدۇق. خۇدائاتىمىزنىڭ بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسىتى شۇكى، ئەيسا مەسىھنى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ كۈچ-قۇدرىتى ئارقىلىق تىرىلدۈرگەندەك، بىزنىمۇ يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈرۈشتۇر.

5بىز ئەيسا مەسىھكە باغلىنىپ، ئۇنىڭغا ئوخشاش ئۆلگەنىكەنمىز، ئۇنداقتا بىز چوقۇم ئۇنىڭغا ئوخشاش تىرىلدۈرۈلىمىز. 6شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، كونا تەبىئىتىمىز ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە كرېستكە مىخلاندى. شۇنىڭ ئۈچۈن، گۇناھكار نەپسىمىزنىڭ ئىلكىدە بولماي، گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن قۇتۇلدۇق. 7چۈنكى، ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە ئۆلگەن ھەرقانداق كىشى گۇناھنىڭ كۈچىدىن خالاس بولغان بولىدۇ. 8ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە ئۆلگەنىكەنمىز، ئۇنداقتا ئۇنىڭغا باغلىنىپ، يېڭى ھاياتقا ئېرىشىشىمىزگىمۇ ئىشىنىمىز. 9بىزگە مەلۇمكى، ئەيسا مەسىھ تىرىلگەندىن كېيىن قايتا ئۆلمەيدۇ. ئۆلۈم ئەمدى ئەيسا مەسىھكە ئۆز كۈچىنى كۆرسىتەلمەيدۇ. 10ئەيسا مەسىھ ئۆزىنىڭ بىرلا قېتىملىق ئۆلۈمى ئارقىلىق گۇناھ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى. ئۇ ھازىر ھايات بولۇپ، ئۇنىڭ ھاياتلىقى خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈش ئۈچۈندۇر. 11شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ھازىر ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارنى گۇناھقا نىسبەتەن ئۆلگەن، لېكىن خۇداغا خىزمەت قىلىشقا نىسبەتەن تىرىك ھېسابلاڭلار.

12شۇنداق ئىكەن، گۇناھ ھەرگىزمۇ ھامان ئۆلىدىغان تېنىڭلارنى باشقۇرمىسۇن. بولمىسا، ئارزۇ-ھەۋەسلەرگە بېرىلىپ كېتىسىلەر. 13تېنىڭلارنىڭ ھەرقانداق بىر ئەزاسىنى يامان ئىشلارغا قورال قىلىپ، گۇناھقا تۇتۇپ بەرمەڭلار. ئەكسىچە، ئۆزۈڭلارنى خۇداغا ئاتاڭلار. چۈنكى، سىلەر ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلدۈڭلار. تېنىڭلارنىڭ ھەربىر ئەزاسىنى ھەققانىي ئىشلارنىڭ قورالى قىلىڭلار. 14گۇناھ سىلەرنىڭ ھۆكۈمرانىڭلار ئەمەس. چۈنكى، سىلەر تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ بىزنى گۇناھنىڭ كۈچىدىن خالاس قىلىدىغان مېھىر-شەپقىتى ئاستىدا ياشاۋاتىسىلەر.

ھەققانىيلىقنىڭ قۇلى

15ئۇنداقتا، قانداق قىلىش كېرەك؟ تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە ئەمەس، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ئاستىدا ياشاۋاتىمىز دەپ، گۇناھ سادىر قىلىۋەرسەك بولامدۇ؟ ياق، ئەلۋەتتە بولمايدۇ. 16كىمگە بويسۇنساڭلار، شۇنىڭ قۇلى بولىدىغانلىقىڭلارنى بىلمەمسىلەر؟ گۇناھقا بوي ئەگسەڭلار، ئۇ سىلەرنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ. خۇداغا بويسۇنساڭلار، ئۇ ھەققانىي ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدۇ. 17-18خۇداغا شۈكۈر! گەرچە سىلەر بۇرۇن گۇناھنىڭ قۇلى بولغان بولساڭلارمۇ، لېكىن ھازىر گۇناھنىڭ كۈچىدىن ئەركىن قىلىنىپ، ھەققانىيلىقنىڭ قۇللىرى بولدۇڭلار. چۈنكى، خۇدا سىلەرگە بەرگەن تەلىمگە چىن دىلىڭلاردىن بويسۇندۇڭلار. 19مەن سىلەرنىڭ تەبىئىتىڭلاردىكى ئاجىزلىقلارنى بىلگەچكە، بۇلارنى سىلەرگە ئادەتتىكى مىسال بىلەن ئېيتىۋاتىمەن. ئىلگىرى سىلەر گۇناھنىڭ قۇلى بولۇپ، تېنىڭلاردىكى ئەزالارنى ناپاك ۋە تەۋرات قانۇنىغا خىلاپ ئىشلارغا بېغىشلىغانىدىڭلار. ئەمدى پاك بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارنى ھەققانىيلىقنىڭ قۇلى بولۇشقا بېغىشلاڭلار.

20سىلەر گۇناھنىڭ قۇلى بولغان ۋاقتىڭلاردا، ھەققانىي ھايات كەچۈرۈش بىلەن كارىڭلار يوق ئىدى. 21سىلەر ھازىر نومۇس دەپ قارىغان بۇرۇنقى ئىشلاردىن شۇ چاغدا زادى نېمە پايدا تاپقانىدىڭلار؟ ئۇ ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئۆلۈمدۇر. 22بىراق، ھازىر سىلەر گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئەركىن قىلىنىپ، خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى بولدۇڭلار. بۇ، ھاياتىڭلارغا پايدىلىق بولۇپ، سىلەرنى پاك ياشاشقا يېتەكلەيدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا سىلەر مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىسىلەر. 23چۈنكى، گۇناھنىڭ بەدىلى ئۆلۈم. بىراق، خۇدانىڭ رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىزگە ئاتا قىلغان سوۋغىتى مەڭگۈلۈك ھاياتلىقتۇر.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى