« رىملىقلارغا يېزىلغان خەت »

1

مۇقەددىمە

1ئەلچى بولۇشقا چاقىرىلىپ، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى تارقىتىشقا تاللانغان، ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن سالام!

2بۇ خۇش خەۋەرنى خۇدا ئەلمىساقتا ئۆز پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق مۇقەددەس يازمىلاردا ۋەدە قىلغانىدى. 3بۇ خۇش خەۋەر خۇدانىڭ ئۆز ئوغلى، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىدۇر. جىسمانىي جەھەتتىن، ئەيسا مەسىھ داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادىدىن تۇغۇلغان. 4لېكىن روھىي جەھەتتىن، ئۇنىڭ خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكى ئۇنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلۈشى ئارقىلىق زور قۇدرەت بىلەن ئىسپاتلانغان. 5خۇدا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، مېنى ئەلچىلىككە تاللىدى. شۇڭا، مەن ھەر مىللەت كىشىلىرىنى خۇداغا ئىتائەت قىلسۇن دەپ، ئۇلارنى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشقا چاقىرىمەن. بۇ، ئەيسا مەسىھنىڭ نامىغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈش ئۈچۈندۇر. 6ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان سىلەرمۇ خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغانلار قاتارىدىسىلەر.

7مەن بۇ خەتنى ھەممىڭلارغا، يەنى خۇدا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن ۋە ئۇ مۇقەددەس خەلقىم، دەپ چاقىرغان سىلەر رىملىقلارغا يېزىۋاتىمەن. خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!

پاۋلۇسنىڭ رىمغا بېرىشنى ئارزۇ قىلىشى

8ئالدى بىلەن ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھەممىڭلار ئۈچۈن خۇداغا شۈكۈر ئېيتىمەن. چۈنكى، ئېتىقادىڭلار دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە سۆزلەنمەكتە. 9-10مەن چىن قەلبىم بىلەن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان خۇدا مېنىڭ ئۆز ئوغلى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش يولىدا سىلەرنى دۇئالىرىمدا دائىم ئەسلەپ تۇرۇۋاتقانلىقىمغا گۇۋاھتۇر. خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بېرىشىم ئۈچۈن، ئاخىر بىر پۇرسەتنىڭ بولۇشىنى ئۇنىڭدىن تىلەيمەن. 11چۈنكى، سىلەرگە ئېتىقادىڭلارنى مۇستەھكەملەشتە بىرەر ياردەم بېرىش ئۈچۈن، سىلەر بىلەن كۆرۈشۈشنى ئىنتايىن ئارزۇ قىلىمەن. 12دېمەك، مەن ئاراڭلاردا بولسام، بىر-بىرىمىزنىڭ ئېتىقادىدىن ئۆزئارا ئىلھام ئالالايمىز.

13قېرىنداشلار، شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، مەن يېنىڭلارغا بېرىشنى كۆپ قېتىم پىلانلىغان بولساممۇ، لېكىن بۈگۈنگىچە توسالغۇغا ئۇچراپ كەلدىم. ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش يولىدا باشقا يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىدا ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكىنىمدەك، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىمۇ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلدىم. 14چۈنكى، مەن ھەرقانداق ئادەمگە، مەيلى ئۇ مەدەنىيەتلىك ياكى مەدەنىيەتسىز بولسۇن، بىلىملىك ياكى بىلىمسىز بولسۇن، ھەممىسىگە بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە قەرزدارمەن. 15شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر رىملىقلارغىمۇ بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە تەشنامەن.

خۇش خەۋەرنىڭ كۈچ-قۇدرىتى

16بۇ خۇش خەۋەردىن نومۇس قىلمايمەن. چۈنكى، بۇ خۇش خەۋەر ئارقىلىق خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئايان بولۇپ، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان ھەربىر كىشى قۇتقۇزۇلىدۇ. بۇ خۇش خەۋەر ئاۋۋال يەھۇدىيلارغا، كېيىن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە تارقىتىلغان. 17بۇ خۇش خەۋەردە خۇدانىڭ ئىنسانلارنى نېمىگە ئاساسەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلايدىغانلىقى* ئاشكارىلانغان. بۇنداق جاكارلاش باشتىن-ئاخىر ئېتىقادقا ئاساسلانغاندۇر. بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «ئادەم ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىپ، ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ.»

ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرى

18خۇدا ئەرشتىن ئادەملەرنىڭ بارلىق گۇناھكارلىق ۋە يامانلىقلىرىغا قارشى ئۆز غەزىپىنى بىلدۈردى. سەۋەبى، ئۇلار ئادالەتسىز ئىشلىرى ئارقىلىق خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى بىلىشنى توسۇۋاتىدۇ. 19ئۇلار خالىغان بولسىدى، خۇدانى بىلەلەيتتى. چۈنكى، خۇدا توغرىسىدىكى ئىشلار ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرۇپتۇ. خۇدا بۇلارنى ئۇلارغا ئوچۇق كۆرسىتىپ بەرگەن. 20دۇنيا يارىتىلغاندىن بېرى، خۇدانىڭ كۆزگە كۆرۈنمەس ئۆزگىچىلىكلىرى، يەنى ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك قۇدرىتى ۋە بىردىنبىر خۇدا ئىكەنلىكى ئۆزى ياراتقان مەۋجۇداتلار ئارقىلىق ئوچۇق كۆرسىتىلمەكتە. شۇ سەۋەبتىن، ئىنسانلار خۇدانى بىلمەيمىز، دەپ باھانە كۆرسىتەلمەيدۇ.

21لېكىن، ئىنسانلار خۇدانى بىلسىمۇ، ئۇنى خۇدا، دەپ ئۇلۇغلىمىدى ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر ئېيتمىدى. ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ خۇدا توغرىسىدىكى ئوي-پىكىرلىرى بىمەنە بولۇپ، نادان قەلبى قاراڭغۇلۇققا تولدى. 22گەرچە ئۇلار ئۆزلىرىنى ئەقىللىق ھېسابلىسىمۇ، لېكىن ئەقىلسىز بولۇپ چىقتى. 23ئۇلار مەڭگۈ ھايات بولغان شانۇشەۋكەتلىك خۇداغا ئىبادەت قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئادەمزاتقا، قۇشلارغا، تۆت پۇتلۇق ۋە يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلارغا ئوخشايدىغان بۇتلارغا چوقۇندى.

24شۇ سەۋەبتىن، خۇدا ئۇلارنى قەلبىدىكى شەھۋانىي ھەۋەسلىرىگە قويۇپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ھەر خىل ناپاكلىقلارنى قىلدى. ھەتتا بىر-بىرىنىڭ تەنلىرىنى بۇلغاشقا باشلىدى. 25خۇدا توغرىسىدىكى ھەقىقەتلەرگە ئىشىنىشنىڭ ئورنىغا، يالغان گەپلەرگە ئىشىنىشكە باشلىدى. ياراتقۇچى خۇداغا ئىتائەت قىلىشنىڭ ئورنىغا، يارىتىلغان نەرسىلەرگە چوقۇنۇپ، شۇلارنى مەدھىيىلىدى. ھالبۇكى، پۈتكۈل مەۋجۇدات تەرىپىدىن مەڭگۈ مەدھىيىلىنىشكە لايىق بولغىنى ياراتقۇچىمىز خۇدادۇر، ئامىن!

26مانا شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ پەسكەش ھەۋەسلىرىگە قويۇپ بەردى. ئاياللار تەبىئىي جىنسىي مۇناسىۋەتنى تەبىئىي بولمىغان مۇناسىۋەتكە، يەنى ئوخشاش جىنسلىقلار مۇناسىۋىتىگە ئايلاندۇردى. 27خۇددى شۇنىڭدەك، ئەرلەرمۇ ئاياللار بىلەن بولىدىغان تەبىئىي جىنسىي مۇناسىۋەتنى تاشلاپ، باشقا ئەرلەرگە شەھۋانىي ھەۋەسلەر بىلەن كۆيۈپ پىشىدىغان بولدى. ئەرلەر ئەرلەر بىلەن شەرمەندە جىنسىي مۇناسىۋەتلەرگە كىرىشتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۆز تەنلىرىدە بۇ قىلمىشلىرىغا لايىق جازانى تارتتى.

28ئۇلار خۇدانى بىلىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارنى يامان نىيەتلىرىگە قويۇپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىلماسلىقى كېرەك بولغان ئىشلارنى قىلىشقا كىرىشتى. 29ئۇلارنىڭ ھاياتى ھەر خىل رەزىللىك، يامانلىق، ئاچكۆزلۈك، ئۆچمەنلىك، ھەسەتخورلۇق، قاتىللىق، ئۇرۇشقاقلىق، ھىيلىگەرلىك، سۇيىقەست ۋە ئىغۋاگەرچىلىك بىلەن تولدى. 30ئۇلار تۆھمەتخور، خۇداغا نەپرەتلىنىدىغان، زوراۋانلىق قىلىدىغان، تەكەببۇر، ماختانچاق، ھەر خىل ئەسكىلىكلەرنى ئويلاپ چىقىرىدىغان، ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدىغان، 31نادان، ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان، كۆيۈمسىز ۋە رەھىمسىز ئىنسانلاردۇر. 32ئۇلار خۇدانىڭ بۇنداق ئىشلارنى قىلغانلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، بۇ ئەسكىلىكلەرنى ئۆزلىرى قىلىپلا قالماي، باشقىلارنىڭمۇ شۇنداق قىلىشىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ.



*17ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىش _ پۈتكۈل ئىنسان گۇناھكار بولۇپ، ھېچكىم ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىنالمايدۇ. لېكىن، بىر ئادەم خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان بولسا، ئۇ ئادەمنىڭ گۇناھى كەچۈرۈلۈپ، خۇدانىڭ جازاسىغا تارتىلمايدۇ. بەلكى خۇدانىڭ نەزىرىدە ئۇ ئادەم ھەققانىي دەپ ھېسابلىنىپ، خۇدا بىلەن ياراشتۇرۇلۇش ئىمتىيازىغا ئېرىشىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى