« مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر »

4

ھەزرىتى ئەيسانىڭ سىنىلىشى

1ئۇنىڭدىن كېيىن، مۇقەددەس روھ ھەزرىتى ئەيسانى شەيتاننىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، چۆل-باياۋانغا ئېلىپ باردى. 2ھەزرىتى ئەيسا قىرىق كېچە-كۈندۈز تاماق يېمەي روزا تۇتۇپ، قورسىقى تازا ئاچقانىدى. 3ئۇنى سىنىماقچى بولغان شەيتان ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ:

_ ئەگەر سەن راستتىنلا خۇدانىڭ ئوغلى* بولساڭ، مۇشۇ تاشلارنى نانغا ئايلاندۇرۇپ يە! _ دېدى.

4ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن:

_ تەۋراتتا: «ئىنسان پەقەت نان بىلەنلا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئاغزىدىن چىققان ھەربىر سۆز بىلەنمۇ ياشايدۇ» دەپ يېزىلغان، _ دېدى.

5ئاندىن، شەيتان ھەزرىتى ئەيسانى مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى ۋە ئۇنى مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئېگىز جايىغا چىقىرىپ:

6_ خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، پەسكە سەكرەپ باققىنا! چۈنكى زەبۇردا: «خۇدا پەرىشتىلىرىگە سەن توغرۇلۇق ئەمر قىلغان. پۇتۇڭنىڭ تاشلارغا ئۇرۇلماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلار سېنى قوللىرىدا تۇتۇۋالىدۇ» دەپ يېزىلغان ئەمەسمۇ؟ _ دېدى.

7_ تەۋراتتا: «رەببىڭلار خۇدانى سىناپ بېقىشقا بولمايدۇ!» دەپمۇ يېزىلغان، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

8ئاندىن، شەيتان ھەزرىتى ئەيسانى ناھايىتى ئېگىز بىر تاغقا چىقىرىپ، ئۇنىڭغا دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنى كۆركەملىكى بىلەن كۆرسىتىپ:

9_ يەرگە باش قويۇپ ماڭا سەجدە قىلساڭ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ساڭا بېرىۋېتىمەن، _ دېدى.

10_ يوقال، شەيتان! تەۋراتتا: «رەببىڭلار بولغان خۇداغىلا ئىبادەت قىلىڭلار، پەقەت ئۇنىڭغىلا خىزمەت قىلىڭلار!» دېيىلگەن، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا جاۋابەن.

11بۇنىڭ بىلەن، شەيتان ھەزرىتى ئەيسانى تاشلاپ كېتىپ قالدى. پەرىشتىلەر كېلىپ ھەزرىتى ئەيسانىڭ خىزمىتىدە بولدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ تەلىم بېرىشنى باشلىشى

12ھەزرىتى ئەيسا يەھيانىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ، جەلىلىيە ئۆلكىسىگە قايتىپ كەلدى. 13ئۇ يۇرتى ناسىرەدە تۇرماي، زەبۇلۇن ۋە نافتالى رايونىدىكى جەلىلىيە كۆلىگە يېقىن كەپەرناھۇم شەھىرىگە كېلىپ ئورۇنلاشتى. 14بۇنىڭ بىلەن، يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئۇقتۇرۇلغان تۆۋەندىكى سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى:

15«زەبۇلۇن ۋە نافتالى زېمىنلىرى،

ئىئوردان دەرياسىنىڭ نېرىسىدا، دېڭىز تەرەپتە،

يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ جەلىلىيە زېمىنلىرىدا

16قاراڭغۇلۇقتا ياشىغانلار

پارلاق بىر نۇرنى كۆرمەكتە.

ئۆلۈم كۆلەڭگىسىدە قالغان بۇ ئەلگە

بىر نۇر چۈشىدۇ ئەمدى.»

17شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ھەزرىتى ئەيسا: «گۇناھلىرىڭلارغا توۋا قىلىڭلار، چۈنكى ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى نامايان بولۇش ئالدىدا تۇرىدۇ!» دەپ تەلىم بېرىشكە باشلىدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرت چاقىرىشى

18بىر كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە كۆلى بويىدا كېتىۋېتىپ، پېترۇس دەپمۇ ئاتالغان سىمۇن ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئەندەرنى كۆردى. ئۇلار بېلىقچى بولۇپ، كۆلگە تور سېلىۋاتاتتى. 19ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ ماڭا ئەگىشىڭلار! مەن سىلەرنى بېلىق تۇتۇشنىڭ ئورنىغا، ماڭا ئادەم تۇتىدىغان قىلىمەن، _ دېدى. 20ئۇلار شۇئان بېلىق تورلىرىنى تاشلاپ، ھەزرىتى ئەيسا بىلەن ماڭدى.

21كۆل بويىدا بىرئاز ماڭغاندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ياقۇپ ۋە يۇھاننانى كۆردى. بۇ ئىككى قېرىنداش كېمىدە ئاتىسى بىلەن تورلىرىنى ئوڭشاۋاتاتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىمۇ شاگىرتلىققا چاقىردى. 22ئۇلار دەرھال كېمىنى تاشلاپ، ئاتىسى بىلەن خوشلىشىپ ھەزرىتى ئەيسا بىلەن ماڭدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەلىلىيىدە تەلىم بېرىشى

23ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيىنىڭ ھەممە يېرىنى ئايلىنىپ چىقىپ، ئىبادەتخانىلاردا تەلىم بېرىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرۇلۇق خۇش خەۋەر تارقاتتى، ھەر خىل ئاغرىق-سىلاقلارنى ساقايتتى. 24ئۇ توغرۇلۇق خەۋەر پۈتكۈل سۈرىيە ئۆلكىسىگە تارقالدى. ئۇ يەردىكى خالايىق ھەر خىل ئاغرىق-سىلاقلارغا مۇپتىلا بولغان كېسەللەرنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە جىن چاپلاشقان، بەزىلىرىنىڭ تۇتقاقلىقى بار ۋە يەنە بەزىلىرى پالەچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى ساقايتتى. 25جەلىلىيە، ئون شەھەر رايونى، يېرۇسالېم، يەھۇدىيە ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىن كەلگەن توپ-توپ ئادەملەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.



*3خۇدانىڭ ئوغلى _ بۇ نام ھەرگىزمۇ خۇدا بىلەن ھەزرىتى ئەيسا ئوتتۇرىسىدىكى جىسمانىي جەھەتتىكى ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتنى ئەمەس، بەلكى روھىي جەھەتتىكى مۇناسىۋەتنى بىلدۈرىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى