« كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت »

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)

بۇ، ئەلچى پاۋلۇسنىڭ ئەفەس شەھىرىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان كىچىك بىر شەھەر كولوسىدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە يازغان خېتىدۇر. گەرچە پاۋلۇس بۇ يەردىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى ئۆزى قۇرۇپ چىقمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بۇرۇن ئەفەس شەھىرىدىن ئۇ يەرگە خىزمەتچىلەرنى ئەۋەتكەن بولغاچقا، بۇ جامائەتچىلىككە نىسبەتەن چوڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلغان. شۇڭا بۇ جامائەتچىلىكتە ساختا تەلىم بەرگۈچىلەرنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، بۇ خەتنى ئۇلارغا يازغان.

ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر روھىي كۈچلەر دۇنياسىدىكى ھۆكۈمرانلار ۋە ھوقۇقدارلارنىڭ تەسىرىدىن توقۇپ چىققان تەلىملەرنى تەرغىب قىلغان. ئۇلار يەنە خەتنە قىلىشقا ئوخشاش ئالاھىدە ئۆرپ-ئادەتلەرگە، شۇنداقلا يېمەك-ئىچمەك ۋە باشقا تەرەپلەردىكى بىر قىسىم قائىدىلەرگە رىئايە قىلىشتا قاتتىق تۇرغان.

پاۋلۇس بۇ خەتتە ئەيسا مەسىھنى ناھايىتى تەپسىلىي، ئېنىق چۈشەندۈرۈش بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى، تولۇق قۇتقۇزۇلۇشقا پەقەتلا ئۇ ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى، ئېتىقادچىلار ئۇنىڭغا باغلىنىپ، ئۇنىڭ مۇكەممەللىكىدىن تولۇقلىنىپ تۇرغاچقا ئۇلارنىڭ بۇنداق قائىدىلەرگە موھتاج ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ، بۇ خىل تەلىملەرنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. پاۋلۇس يەنە بۇ ھەقىقىي تەلىمنىڭ ئېتىقادچىلارنىڭ ھاياتىدىكى ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن.

تېزىس:

  1. دۇئايىسالام (1-باب 1-ئايەتتىن 14-ئايەتكىچە)
  2. ئەيسا مەسىھنىڭ ئۈستۈنلۈكى ۋە خىزمىتى (1-باب 15-ئايەتتىن 2-باب 19-ئايەتكىچە)
  3. ئەيسا مەسىھكە باغلانغان يېڭى ھايات (2-باب 20-ئايەتتىن 4-باب 6-ئايەتكىچە)
  4. ئاخىرقى سالام (4-باب 7-ئايەتتىن 18-ئايەتكىچە)

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى