« فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت »

1

1ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن ۋە مەن ئارقىلىق تىموتىيدىن، فىلىپى شەھىرىدىكى ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان مۇقەددەس خەلققە، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ باشلامچىلىرى ۋە خىزمەتچىلىرىگە سالام. 2خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!

شۈكۈر ۋە دۇئا

3مەن سىلەرنى ھەر قېتىم ئەسلىگىنىمدە خۇداغا شۈكۈر ئېيتىمەن. 4ھەر قېتىم سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلغىنىمدا، قەلبىم خۇرسەنلىككە تولۇپ تاشىدۇ. 5چۈنكى، مەن ئاراڭلاردا خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە باشلىغان بىرىنچى كۈندىن ھازىرغىچە، سىلەر مېنىڭ بۇ خىزمىتىمنى قوللاپ كەلدىڭلار. 6شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، سىلەرنى يېڭى ھاياتلىق يولىغا يېتەكلىگەن خۇدا ئۆزى باشلىغان بۇ ياخشى ئىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئەيسا مەسىھ قايتا كېلىدىغان كۈنى تاماملايدۇ. 7مېنىڭ بۇنداق ئويلىشىم توغرا، دەپ قارايمەن. چۈنكى، سىلەرنىڭ مېنىڭ قەلبىمدىن ئالغان ئورنۇڭلار ناھايىتى مۇھىم. مەيلى مەن زىنداندا كىشەنلىنىپ ياتقان ۋاقتىمدا بولسۇن ياكى سىرتتا خۇش خەۋەرنى قوغداپ، ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەرگەن ۋاقتىمدا بولسۇن، ھەممىڭلار مەن بىلەن بىللە خۇدانىڭ ئىلتىپاتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدۇڭلار. 8مېنىڭ سىلەرنى قانچىلىك سېغىنغانلىقىمغا ھەمدە ئەيسا مەسىھ ماڭا ئاتا قىلغان مېھىر-مۇھەببەت بىلەن سىلەرنى قانچىلىك سۆيىدىغانلىقىمغا خۇدا ئۆزى گۇۋاھتۇر.

9مەن شۇنىڭغا دۇئا قىلىمەنكى، خۇدا توغرىسىدىكى بىلىمىڭلار ۋە ئاقىللىقىڭلارنىڭ ئېشىشى ئارقىلىق مېھىر-مۇھەببىتىڭلار بارغانسېرى ئېشىپ بارسۇن. 10شۇنداق بولغاندا، سىلەر خۇدانىڭ نېمىدىن خۇرسەن بولۇپ، نېمىدىن خۇرسەن بولمايدىغانلىقىنى پەرق ئېتەلەيسىلەر-دە، ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەن كۈندە پاك ۋە ئەيىبسىز بولالايسىلەر. 11ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھاياتىڭلار يەنە ھەققانىيلىق مېۋىسى بىلەن تولۇپ، خۇداغا شان-شەرەپ ۋە مەدھىيىلەر ئېلىپ كېلىسىلەر.

ھاياتلىق ئەيسا مەسىھ ئۈچۈندۇر

12قېرىنداشلار، شۇنى بىلىشىڭلارنى خالايمەنكى، بېشىمغا كەلگەن بۇ جاپا-مۇشەققەتلەر خۇش خەۋەرنىڭ تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشىغا تۈرتكە بولدى. 13ساراي مۇھاپىزەتچىلىرى ۋە باشقىلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلغانلىقىم ئۈچۈن كىشەنلەنگەنلىكىمنى بىلىشتى. 14زىندانغا تاشلانغانلىقىم سەۋەبىدىن نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلارنىڭ رەببىمىزگە بولغان ئىشەنچى كۈچەيدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار خۇدانىڭ سۆزىنى تېخىمۇ مەردانە ۋە يۈرەكلىك ھالدا يەتكۈزىدىغان بولدى.

15دەرۋەقە، ماڭا ھەسەتخورلۇق قىلىپ، مەن بىلەن بەسلىشىش مەقسىتىدە خۇش خەۋەر تارقىتىۋاتقانلارمۇ بار. ئەمما باشقىلار خۇش خەۋەرنى ياخشى نىيەت بىلەن يەتكۈزۈۋاتىدۇ. 16بۇلار مېنىڭ خۇش خەۋەرنى قوغداشقا تەيىنلەنگەنلىكىمنى بىلىپ، مېنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈۋاتىدۇ. 17لېكىن، ئالدىنقىلىرى بولسا خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشتە ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىنى ئويلاپ، ئۇنى پاك قەلبى بىلەن ئەمەس، بەلكى مېنىڭ زىنداندا تارتىۋاتقان ئازابىمنىڭ ئۈستىگە يۈرەك ئازابى قوشۇش ئۈچۈن قىلىۋاتىدۇ. 18مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يەنى ئۇلارنىڭ مۇددىئاسى توغرا بولسۇن-بولمىسۇن، پەقەت ئەيسا مەسىھ تونۇتۇلسىلا خۇرسەنمەن. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق خۇرسەن بولىمەن. 19چۈنكى، خۇدانىڭ مېنى مەن بىلەن قارشىلاشقۇچىلارنىڭ ئالدىدا ئاقلايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.* بۇ، سىلەرنىڭ دۇئالىرىڭلار ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ روھى، يەنى مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمى ئارقىلىق بولىدۇ. 20ئەيسا مەسىھكە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىپ، خىجالەتچىلىكتە قالماسلىقىمنى ئىنتىزارلىق بىلەن ئۈمىد قىلىمەن ھەمدە ھازىرمۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا، مەيلى مەن قانداق ياشاي ياكى قانداق ئۆلەي، ئەيسا مەسىھنى باتۇرلۇق بىلەن ئۇلۇغلايمەن. 21چۈنكى، مەن ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن ياشايمەن. ئۆلسەممۇ، ئەرشتە ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە بولىمەن. بۇ، مەن ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر. 22لېكىن، ھاياتلا بولىدىكەنمەن، ئىشىنىمەنكى ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىم نەتىجىلىك بولىدۇ. قايسىنى تاللىشىم كېرەك؟ 23تەڭلىكتە قالدىم. بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ، ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن، چۈنكى بۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئىش يوقتۇر، ئەلۋەتتە. 24بىراق، سىلەر ئۈچۈن مېنىڭ ھايات تۇرۇشۇم زۆرۈردۇر. 25شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، مەن ھازىرچە ئۆلمەيمەن. ئەكسىچە، ھەممىڭلارنىڭ ئېتىقادى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، تېخىمۇ خۇشال بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، داۋاملىق سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن. 26مەن ئامان-ئېسەن سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا قايتا بارغىنىمدا، مېنىڭ كەلگەنلىكىمدىن سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە بولغان خۇرسەنلىكىڭلار تېخىمۇ تولۇپ تاشىدۇ.

27نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەمەلىي ھەرىكىتىڭلار ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرگە لايىق بولسۇن. شۇنداق بولغاندا، مەيلى مەن يېنىڭلارغا بېرىپ، سىلەر بىلەن دىدار كۆرۈشەي ياكى مۇشۇ يەردە تۇرۇپ، سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلاردىن خەۋەردار بولاي، سىلەرنىڭ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە قەتئىي تەۋرەنمەي، بۇ خۇش خەۋەر ئېلىپ كېلىدىغان ئېتىقاد ئۈچۈن بىرلىكتە كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىڭلارنى بىلەلەيمەن. 28سىلەرگە قارشى تۇرغۇچىلاردىن قىلچە قورقماڭلار. سىلەردىكى بۇ غەيرەت ئۇلارنىڭ ھالاك بولىدىغانلىقىنىڭ، سىلەرنىڭ بولسا خۇدا تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلىدىغانلىقىڭلارنىڭ بەلگىسىدۇر. 29چۈنكى، خۇدا سىلەرگە پەقەت ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشنىڭمۇ شەرىپىنى ئاتا قىلغان. 30مەن سىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمدا، سىلەر مېنىڭ خۇش خەۋەرگە قارشى تۇرغۇچىلار بىلەن كۈرەش قىلغانلىقىمنى كۆردۈڭلار. ھازىرمۇ مېنىڭ بۇ كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىمدىن خەۋەردار بولۇۋاتىسىلەر ھەمدە سىلەرمۇ بۇ كۈرەشنى قىلىۋاتىسىلەر.



*19بۇنى «خۇدانىڭ مېنى زىنداندىن قويۇپ بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى