« تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت »

3

ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ باشلامچىلىرى

1«ئەگەر بىر كىشى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە باشلامچى بولۇشقا ئىنتىلسە، ئۇ ياخشى بىر ۋەزىپىنى ئارزۇ قىلغان بولىدۇ» دېگەن بۇ سۆز ھەقتۇر. 2جامائەتچىلىك باشلامچىسى بولسا ئەيىبلىنىدىغان تەرىپى بولمىغان، ئايالىغا سادىق، ئۆزىنى تۇتۇۋالغان، سالماق، ھۆرمەتكە سازاۋەر، مېھماندوست، باشقىلارغا خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرەلەيدىغان بولۇشى، 3شۇنداقلا، ھاراقكەش ۋە زوراۋان بولماسلىقى، خۇش پېئىل، گەپ تالاشمايدىغان، ئۆزىنى مال-دۇنياغا ئۇرمايدىغان كىشى بولۇشى، 4ئۆز ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇرالايدىغان بولۇشى، پەرزەنتلىرىنى ئۆز ئاتا-ئانىسىغا ھۆرمەت بىلەن بويسۇنىدىغان قىلىپ تەربىيىلىيەلەيدىغان كىشى بولۇشى كېرەك. 5چۈنكى، ئۆز ئائىلىسىنى باشقۇرۇشنى بىلمەيدىغان كىشى خۇدانىڭ جامائەتچىلىكىنىڭ ھالىدىن قانداقمۇ خەۋەر ئالالىسۇن؟ 6جامائەتچىلىك باشلامچىسى يېڭى ئېتىقادچىلاردىن بولماسلىقى كېرەك. ئەگەر ئۇنداق بولسا، ئۇ تەكەببۇرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. بۇنىڭ بىلەن، ئۇمۇ شەيتانغا ئوخشاش تەكەببۇرلاشقانلىقى ئۈچۈن، خۇدانىڭ سورىقىغا ئۇچرايدۇ. 7ئۇ جامائەتچىلىكنىڭ سىرتىدىمۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا، باشقىلار ئۇنى ئەيىبلىيەلمەيدۇ ۋە شەيتانمۇ ئۇنى ئالدام خالتىسىغا چۈشۈرەلمەيدۇ.

ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ خىزمەتچىلىرى

8خۇددى جامائەتچىلىكنىڭ باشلامچىلىرىگە ئوخشاش، جامائەتچىلىكنىڭ خىزمەتچىلىرىمۇ* ئېسىل پەزىلەتلىك، سەمىمىي گەپ قىلىدىغان، ھاراق-شارابقا بېرىلمەيدىغان، مال-دۇنياغا تەمەخور بولمايدىغان كىشىلەردىن بولۇشى، 9پاك ۋىجدانى بىلەن ئېتىقادنىڭ چوڭقۇر ھەقىقىتىدە چىڭ تۇرالايدىغان بولۇشى لازىم. 10بۇنداق ئادەملەرنى ئالدى بىلەن سىناپ كۆرۈپ، ئەيىبلىنىدىغان تەرەپلىرى بولمىسا، ئاندىن ۋەزىپىگە قويۇش كېرەك. 11خۇددى شۇنىڭدەك، بۇ خىزمەتچىلەرنىڭ ئاياللىرىمۇ* ئېسىل پەزىلەتلىك، پىتنە-پاسات قىلمايدىغان، ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ۋە ھەرقانداق ئىشتا ئىشەنچلىك بولغانلاردىن بولۇشى لازىم. 12خىزمەتچىلەر ئۆز ئايالىغا سادىق، ئۆز پەرزەنتلىرى ۋە ئۆز ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇرىدىغان كىشىلەردىن بولسۇن. 13جامائەتچىلىك ئىچىدە ئۆز ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇندىغان خىزمەتچىلەر باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشتىكى ئىشەنچىمۇ زور ئاشىدۇ.

چوڭقۇر سىر

14مەن گەرچە سېنى تېزرەك يوقلاپ بېرىشنى ئارزۇ قىلساممۇ، يەنىلا بۇ خەتنى يازدىم. 15ئەگەر مەن يېنىڭغا ۋاقتىدا بارالمىسام، بۇ خېتىم ساڭا خۇدانىڭ ئائىلىسى ئىچىدە قانداق ياشاش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ ئائىلە بولسا مەڭگۈ ھايات خۇداغا مەنسۇپ بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدۇر. بۇ جامائەتچىلىك ھەقىقەتنىڭ تۈۋرۈكى ۋە ئاساسىدۇر. 16ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئېتىقادىمىزنىڭ سىرى بۈيۈكتۇر:

ئەيسا مەسىھ ئىنسان تېنىدە ئايان بولدى،

مۇقەددەس روھ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئىسپاتلىدى،

ئۇ پەرىشتىلەرگە كۆرۈندى،

ئۇ توغرىسىدىكى خەۋەر پۈتكۈل مىللەتلەرگە جاكارلاندى،

ئىنسانلار ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى،

ئۇ ئۇلۇغلۇق ئىچىدە ئەرشكە كۆتۈرۈلدى.



*8خىزمەتچىلەر _ ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدە يېتەكچىنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ، ئۇ ھەر خىل ئەمەلىي ئىشلارغا مەسئۇل كىشىدۇر.

*11ياكى «ئايال خىزمەتچىلىرىمۇ...»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى