« سالونىكالىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت »

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)

سالونىكا شەھىرى (بۈگۈنكى گرېتسىيىدە) ئەينى ۋاقىتتىكى رىم ئىمپېرىيىسى ھۆكۈمرانلىقىدىكى ماكېدونىيە ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى بولۇپ، ئەلچى پاۋلۇس فىلىپى شەھىرىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۇ يەردە خۇش خەۋەر تارقىتىش بىلەن ئۇ شەھەردىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ ئاساسىنى سالغان («ئەلچىلەر» 17-باب 1-ئايەتتىن 10-ئايەتكىچە). بىراق، ئۇزۇن ئۆتمەيلا، يەھۇدىيلار پاۋلۇسنىڭ يەھۇدىي دىنىغا قىزىقىپ كەلگەن نۇرغۇن يەھۇدىي ئەمەسلەرنى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشقا يېتەكلىگەنلىكىگە ھەسەتخورلۇق قىلغان ۋە ئۇنىڭغا قارشى چىققان. بۇنىڭ بىلەن، ئۇ سالونىكادىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان. كېيىنچە پاۋلۇس ئۆزى ئەۋەتكەن خىزمەتدىشى تىموتىي ئارقىلىق سالونىكالىقلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تېپىپ، بۇ خەتنى ئۇلارغا يازغان.

مۇئەللىپ بۇ خېتىدە ئۇلارنىڭ ئېتىقادى، مېھىر-مۇھەببىتى ۋە قىلغان خىزمىتى توغرىسىدا ئاڭلىغان ياخشى خەۋەرلەردىن خۇشاللانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى خۇدانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىشقا ئۈندىگەن ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھنىڭ قايتا كېلىشى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.

تېزىس:

  1. سالام (1-باب 1-ئايەت)
  2. پاۋلۇسنىڭ سالونىكالىقلار ئۈچۈن خۇداغا شۈكۈر ئېيتىشى (1-باب 2-ئايەتتىن 10-ئايەتكىچە)
  3. پاۋلۇسنىڭ ئۇلار ئارىسىدىكى خىزمىتى (2-باب 1-ئايەتتىن 16-ئايەتكىچە)
  4. پاۋلۇسنىڭ ئۇلارغا بولغان سېغىنىشى ۋە ئەنسىرىشى (2-باب 17-ئايەتتىن 3-بابنىڭ ئاخىرىغىچە)
  5. ئىخلاسمەن بولۇشقا ئۈندەش (4-باب 1-ئايەتتىن 12-ئايەتكىچە)
  6. ئەيسا مەسىھنىڭ قايتا كېلىشى (4-باب 13-ئايەتتىن 5-باب 11-ئايەتكىچە)
  7. ئاخىرقى تەلىم ۋە سالاملار (5-باب 12-ئايەتتىن 28-ئايەتكىچە)

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى