« پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت »

1

1ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىسى بولغان مەنكى پېترۇستىن پونتۇس، گالاتىيا، كاپادوكىيا، ئاسىيا ۋە بىتىنىيە ئۆلكىلىرىدە ياشاۋاتقان ھەمدە بۇ دۇنياغا مۇساپىر بولغان، خۇدانىڭ تاللىغان بەندىلىرىگە سالام. 2خۇدائاتىمىز ئۆزىنىڭ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە سىلەرنى تاللىدى، مۇقەددەس روھ سىلەرنى پاك قىلدى. بۇنىڭدىن مەقسەت، سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭ قۇربانلىق قېنى بىلەن گۇناھلىرىڭلاردىن يۇيۇلۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر. خۇدا سىلەرگە ھەسسىلەپ مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!

ھاياتلىق ئۈمىدى

3رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسى بولغان خۇداغا مەدھىيىلەر ئوقۇلغاي! ئۇ بىزگە چەكسىز رەھىمدىللىك كۆرسىتىپ، ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلىشى ئارقىلىق بىزنى يېڭىدىن تۇغۇلدۇرۇپ، ئۆچمەس بىر ئۈمىدكە ئىگە قىلدى. 4ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى بولغان بىزلەر ئۈچۈن ئەرشتە تۈگىمەس، چىرىمەس، سولماس مىراس ساقلانماقتا. 5خۇدا ئالدىن تەييارلاپ قويغان بۇ ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇشنى ئاخىر زاماندا ئاشكارا قىلغۇچە، ئۆزىنىڭ قۇدرىتى بىلەن سىلەرنى ئېتىقادىڭلار ئارقىلىق قوغدايدۇ. 6شۇنىڭ ئۈچۈن، ھازىر سىلەرنىڭ ھەر خىل سىناقلار تۈپەيلىدىن ۋاقىتلىق ئازاب-ئوقۇبەت تارتىپ، ھەسرەت چېكىشىڭلارغا توغرا كەلسىمۇ، شاد-خۇراملىققا چۆمۈڭلار. 7بۇنداق ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىڭلارنىڭ سەۋەبى ئېتىقادىڭلارنىڭ ساپلىقىنى ئىسپاتلاشتۇر. ھەقىقىي ساپ ئېتىقاد بولسا ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىكتۇر. گەرچە ئالتۇننىڭ ساپلىقىنى ئوتتا تاۋلاش ئارقىلىق ئىسپاتلىغىلى بولسىمۇ، ئۇ بىز ئۈچۈن بەرىبىر مەڭگۈلۈك بولالمايدۇ. ئېتىقادىڭلار ساپ بولسا، ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەن چاغدا بۇ ئېتىقاد سىلەرگە مەدھىيە، شان-شەرەپ ۋە ھۆرمەت ئېلىپ كېلىدۇ. 8سىلەر بۇرۇن ئەيسا مەسىھنى كۆرۈپ باقمىغان بولساڭلارمۇ، ئۇنى سۆيۈپ كەلدىڭلار. ھازىر ئۇنى كۆرمىگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا يەنىلا ئىشىنىسىلەر. شۇڭا، قەلبىڭلار تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان چەكسىز شاد-خۇراملىققا چۆمدى. 9چۈنكى، سىلەر ھازىر ئېتىقادىڭلارنىڭ نىشانى بولغان قۇتقۇزۇلۇشتىن بەھرىمەن بولۇۋاتىسىلەر.

10بۇ قۇتقۇزۇلۇش توغرىسىدا ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر تەپسىلىي ئىزدەنگەن، ئۇنى چۈشىنىشكە تىرىشقان ھەمدە سىلەرگە ئاتا قىلىنغان بۇ مېھىر-شەپقەت توغرىسىدا ئالدىن ئېيتقانىدى. 11ئەيسا مەسىھنىڭ روھى ئۇلارنىڭ قەلبىدە بولۇپ، بۇ روھ ئۇلارغا خۇدا ئەۋەتمەكچى بولغان قۇتقۇزغۇچى چېكىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەر ۋە ئۇنىڭ بۇ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى چەككەندىن كېيىن ئېرىشىدىغان شان-شەرىپى توغرىسىدا ئالدىنئالا مەلۇمات بەرگەن. ئۇلار بۇ ئىشلارنىڭ قاچان ۋە قانداق يۈز بېرىدىغانلىقى ئۈستىدە ئىزدەنگەن. 12خۇدا بۇ پەيغەمبەرلەرگە ئۇلارنىڭ بۇ ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىشىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سىلەر ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۈگۈنكى كۈندە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگۈچىلەر ئەرشتىن ئەۋەتىلگەن مۇقەددەس روھنىڭ كۈچى بىلەن بۇ ئىشلارنى سىلەرگە يەتكۈزدى. ھەتتا پەرىشتىلەرمۇ بۇ ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى كۆرۈشكە تەلپۈنىدۇ.

پاك ياشاڭلار

13شۇڭا، ئەقىل-ھوشۇڭلارنى يىغىپ، ئۆزۈڭلارنى سەگەك تۇتۇڭلار، ئۈمىدىڭلارنى ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەن كۈنىدە سىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان بەخت-سائادەتكە پۈتۈنلەي باغلاڭلار. 14خۇدانىڭ ئىتائەتمەن پەرزەنتلىرىدىن بولۇڭلار. ئەيسا مەسىھنى تونۇمىغان چاغلىرىڭلاردىكىدەك بولمىغۇر ھەۋەسلەرگە بېرىلمەڭلار. 15ئەكسىچە، ھەممە ئىشلىرىڭلاردا پاك بولۇڭلار، چۈنكى سىلەرنى چاقىرغان خۇدا پاكتۇر. 16خۇدا مۇقەددەس يازمىلاردا: «پاك بولۇڭلار، چۈنكى مەن پاكتۇرمەن» دېگەن.

17سىلەر كىشىلەرنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە قاراپ ئادىللىق بىلەن سوراق قىلىدىغان خۇدانى «ئاتا» دېگەنىكەنسىلەر، ئۇنداقتا بۇ دۇنيادا مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان ۋاقتىڭلارنى خۇدانى چوڭقۇر ھۆرمەتلەش بىلەن ئۆتكۈزۈڭلار. 18چۈنكى سىلەرگە مەلۇمكى، سىلەر ئەجدادلىرىڭلاردىن قالغان ئەھمىيەتسىز تۇرمۇش يولىنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد بولدۇڭلار. بۇ، قىممىتىنى ھامان يوقىتىدىغان ئالتۇن ياكى كۈمۈشتەك نەرسىلەر بىلەن ئەمەس، 19بەلكى خۇدا ئەۋەتكەن كەم-كۈتىسىز قوزىنىڭ، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ قىممەتلىك قېنىنىڭ بەدىلىگە كەلدى. 20ئەيسا مەسىھ دۇنيا يارىتىلىشتىن ئىلگىرىلا خۇدا تەرىپىدىن ئىنسانلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولۇش ئۈچۈن تاللانغان. ئۇ مۇشۇ ئاخىرقى ۋاقىتلاردا* سىلەر ئۈچۈن بۇ دۇنياغا ئەۋەتىلىپ، ئاشكارا قىلىندى. 21سىلەر ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا ئېتىقاد قىلىۋاتىسىلەر. خۇدا ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ بەردى. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار ۋە ئۈمىدىڭلار خۇداغا باغلانغان.

22سىلەر ھەقىقەتكە ئىتائەت قىلغانلىقىڭلاردىن قەلبىڭلار پاك قىلىنىپ، ئېتىقادچىلارنى سۆيىدىغان سەمىمىي مېھىر-مۇھەببەتكە ئىگە بولدۇڭلار. شۇڭا، بىر-بىرىڭلارنى چىن قەلبىڭلاردىن قىزغىن سۆيۈڭلار. 23چۈنكى، سىلەر يېڭىۋاشتىن تۇغۇلدۇڭلار. بۇ يېڭى ھايات ھامان ئۆلۈپ كېتىدىغان ئىنسانلار ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ سۆزى، يەنى خۇدانىڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە ۋە مەڭگۈ مەۋجۇت سۆزى ئارقىلىق بولدى. 24خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك:

«پۈتكۈل ئىنسان گۈل-گىياھقا ئوخشايدۇ،

ئۇلارنىڭ شان-شەرىپى غازاڭ بولىدىغان چېچەككە ئوخشايدۇ.

گىياھلار قۇرۇپ، گۈللەر سولىشىپ ئۆلىدۇ،

25بىراق، رەببىمىزنىڭ سۆزى مەڭگۈ مەۋجۇت بولىدۇ!»

بىز سىلەرگە يەتكۈزگەن خۇش خەۋەر دەل رەببىمىزنىڭ سۆزىدۇر.



*20ئاخىرقى ۋاقىتلار _ ئەيسا مەسىھنىڭ بىرىنچى قېتىم بۇ دۇنياغا كېلىشىدىن تارتىپ، ئىككىنچى قېتىم كېلىشىگىچە بولغان ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى